لايخان ۋە ئەل بىرلىگى

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

لايخان ۋە ئەل بىرلىگى

Aziz Isa
Administrator
    لايخان   ۋە    ئەل بىرلىگى


     دۆلەت  رەھبىرى  نۇرسۇلتان نازاربائېۋ ئابыلايخاننىڭ يۇبىلېيىغا  بېغىشلانغان سۆزىدە  خەلقىگە دانا، ئېلىگە  پانا بولغان ئۇلۇق خاننىڭ  خەلقى ئۈچۈن سىڭەرگەن  ئەمگىگىنىڭ چەكسىز ئېكەنلىگىنى ئېيتىپ كېلىپ: " مەن خەلىققە  قارىتىلغان سۆزلىرىمدە  ئەل بىرلىگى،  مىللەت ئىتتىپاقى  — ئىزگۈلۈكنىڭ  كاپالىتى ئېكەنلىگىنى ئېيتىشىمدىن  يېلىققان ئەمەسمەن" دېگەن ئېدى. دۆلەت رەھبىرىنىڭ موشۇ سۆزىگە  تايىنىپ، كېلەچەك ئەۋلاتنىڭ  بىرلىگىنى،  ئىتتىپاقىنى، مىللەتلەر ئارا  دوستلۇغىنى كۈچەيتىش مەخسىتىدە  ئابыلايخاننىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھەققىدە  ئۆز ئوي –پىكرىمنى تارىخىي  مەنبەلەرگە  ئاساسلىنىپ ئوقۇرمەنلەرگە  يەتكۈزۈشنى دۇرۇس كۆردۈم. ئەگەر  تارىخنى ئۆتمۈشنىڭ ئەينىگى دېسەك،  شۇ ئەينەككە پات-پات قاراپ تۇرغانغا نېمە يەتسۇن.
1368-ژىلى  خان بالыقتا (پېكىن) چىنگىزخاننىڭ  تولы ئوغلىدىن تارىغان خانزادىلارنى ژۇقارقى بىيلىكتىن كەتتۈرگەن مىن سۇلالىسى ئەندى  ئىمپېرىيانىڭ  چېگارىسىنى كەڭەيتىشكە  كىرىشتى. بۇنىڭغا قارشى بولغان ئۈگەدەينىڭ  ئەۋلاتلىرى  بىلەن  ئۇلارنىڭ  تەرەپدارلىرى   ئۆزلىرىگە ئورتاق "ئويرات" دېگەن نام ئېلىپ،  خالقىدىكى (مونغولىيا) خانلىقلار بىلەن بەگلىكلەرنى بىر مەركەزگە  ژىغىپ، مىن  ئىمپېرىياسى بىلەن  ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمپېراتورىنى  قولغا  چۈشەردى. بىراق بۇ ئۇتۇق كۆپكە بارماي، ئوردا ئىچىدىن  مەنسەپ تالاش ئويراتلارنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەپ بولدى. ئويراتلارنىڭ سول قول ھاكىمدارى،  خوشوئۇت، تورغائۇت، ئۆلېت، دوربىت، بائىت يەنىمۇ باشقا قەبىلە  بىرلەشمىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئالتاينى ئېشىپ ئىرتыش ئەتراپىدا  ئوردا كۆتەردى. بۇ بىرلەشمىنى مونغولچە "ژوڭغار" ( سول قول —  ق.م.) دەپ ئاتىدى. ژوڭغارلار  كەڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ بىر مۇنچە يېرىنى بېسىۋېلىپ،  غەرىپكە كۆز  سالدى. كۆپ ئۆتمەي يېتەكچى قەبىلە  بىرلەشمىلىرىنىڭ ئارىسىدا  توپىلاڭ  چىقىپ،  خوشوئۇت قەبىلە  بىرلەشمىسى تىبەت تېغىدىكى تۇققانلىرىغا،  ھە تورغائۇت قەبىلە بىرلەشمىسى ۋولگا دەرىياسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە كەتتى. قېلىن قالانغانلار قالماق ئاتالدى. ئۇلار ئوردىنى ئالتاينىڭ جەنۇبىدىكى تەڭرىتاغ ئېتىگىگە  ئورۇنلاشتۇردى. كېيىن  قالماق ئاتالغۇسى بىزنىڭ يازما مەنبەلىرىمىزدە  ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا، چۆچەك -رىۋايەتلىرىمىزدە  كۆپلەپ قوللىنىشقا  باشلىغان. ئەندى بىز ئويرات، ژوڭغار سۆزىنىڭ ئورنىغا قالماق ئاتالغۇسىنى  يازىمىز.
ئەمىر تۆمۈرنىڭ  ئۆلۈمى ئۇنىڭ  ئەۋلاتلىرى  ئارىسىدىكى مەنسەپ  تالاش، موڭغول خاڭزادىلىرىنىڭ قايتىدىن بىيلىككە كېلىشىگە  شارائىت تۇغدۇردى. شۇلارنىڭ بىرى ئەبىلخائىر ئېدى. ئۇ 1428-ژىلى خان تەختىگە ئولتىرىپ،  بىر مۇنچە يەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ،  كۆچمەن ئۆزبەك  ئۇلۇسىنى قايتىدىن تىكلىدى. ئەبىلخائىرنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى بولغان قالماقلار ژۈرۈش قىلىپ، 1457-ژىلى سىغاناق شەھىرىنىڭ تۈۋىدە ئەبىلخائىرنى يەڭدى. ئەبىلخائىرنىڭ يېڭىلىشى ژوشىدىن تارايدىغان كېرېي سۇلتان بىلەن ئەبۇ سائىدنىڭ (ئەز ژەنىبېكنىڭ) كېتىشىگە  سەۋەپكار بولىدۇ. ئۇلار شەرقىي تۈركستاندىكى موغولستان خانلىغىنىڭ ھاكىمدارى ئېسېنبۇغاغا كېلىپ، پانا سورايدۇ. تارىخچى ت. ئى. سۇلتانوۋ پارسلار موڭغول دېگەن سۆزدىكى  "ڭ" ھەرىپىنى قالدۇرۇپ موغول دەپ يازدى دەيدۇ. ("قازاق خانلىغىنىڭ  تارىخى"، ئالمۇتا،  2003-ژىل. 39-ب.).  مۇسۇلمان خەلىپىلىگىنىڭ پايتەختى  باغدات شەھىرى بولۇپ، پارس تىلى خەلىق ئارا  تىل ئورنىدا  ژۈرگەن. نەشىرلەرنىڭ  بېسىم كۆپچىلىگى پارس تىلىدا يېزىلغان. مەۋرىناھىردىن كابۇلغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندستانغا كەتكەن زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر (1493—1530-ژ.) ئۆزى قۇرغان مەملىكەتنى ئۇلۇق موغولىستان دەپ  ئاتىغان.
ئالىم غ.م.ئىسخاقوۋنىڭ ئەمگەكلىرىدە  بۇ ئۆلكە قەشقەرىيە، شەرقىي تۈركستان، كىچىك بۇخارا دەپمۇ يېزىلغان. شۇنداقلا باشقا ئالىملار بىلەن سەياھەتچىلەرنىڭ بىر مۇنچە ئەمگەكلىرىدە،  كۈندىلىكلىرىدە موشۇ  ئاتالغۇ نۇرغۇن ئۇچرىشىدۇ. ("ئىسسلېدوۋانىيا پو ئۇيگۇروۋېدېنىيۇ" ئالماتы، 2005-ژ. 123-بەت).
مەسىلەن، رۇسنىڭ كۆرنەكلىك تارىخچىسى ن.م.كارامزىن ئۆزىنىڭ "پرېدانىيا ۋېكوۋ"،  م.1988-ژ. كىتاۋىنىڭ 256-بېتىدە "… سلاۋنыئې پروسۋېщئېنىئېم  ئىگۇرы  ئىلى  ئۇيگورы،  ئوبىتاۋشىئې  نا گرانىцئې  مالوي  بۇخارىئى، نازыۋالىسь پودداننыمى چىنگىزخانا. سىئى ئىگورы،  ئوبوژايا  ئىدولوۋ، تېرپېلى ئۇ سېبيا  ماگومېتان ئى خرىستىئان نېستورىئانسكىخ: ليۇبىلى  نائۇكى،  خۇدوژېستۋا ئى سوئوبщئالى گراموتۇ ۋسېم نارودام تاتارسكىم" دەپ يازغان.
موشۇ پەيتتە  مونۇ مەسىلىنى ئېيتىپ كەتكەن توغرا:
 موڭغول — مыڭغول — مۇڭغول — مىڭقول سۆزى ئىككى بوغۇمدىن تۇرىدۇ. موڭ — مыڭ (مۇڭ) — ئۇيغۇرچىمۇ، موڭغولچىمۇ — مىڭ،  ھە غول دېگەن سۆزنىڭ ئۈچ مەناسى بار:
غول — چوڭ ساي، بۇ سايدىن بىر دەرىيا ئېقىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، چوڭ ئالمۇتا، كىچىك ئالمۇتا، تالغىر، ئىشىكتە ۋە ۋ.ب. بۇ سايلارنى ئۇيغۇرچىمۇ، موڭغولچىمۇ غول دەپ ئاتايدۇ.
غول — دەپ ئۇيغۇرلارمۇ، موڭغوللارمۇ  بالىنىڭ    مۈرىسىدىكى ئىككى گۈجەكنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئاتايدۇ.
ئۇيغۇرچىمۇ، مونغولچىمۇ كۆچەتنىڭ ئۆزىگىنى غول دەيدۇ. مانا موشۇنداق غوللار مونغولىيادە ئىنتايىن كۆپ. ھەر  غولدا  چوڭ بىر ئاتىنىڭ  ئەۋلادى تۇرىدۇ. ئۇرۇش ۋاقتىدا  ھەر بىر غولدىن مىڭ  سەرۋاز ئاتقا مىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى مىڭ قول دەپمۇ ئاتايدۇ.
ئېسېنبۇغا ئۇلارغا موغولستاننىڭ غەربىدىكى چۇ بىلەن قوزыبېشى ئەتراپىدىن ماكان بېرىپ،  ئۇلارنى  قازاق،  ياكى ئەركىن ژۈرگەن ئادەملەر دەپ ئاتايدۇ. ئېسېنبۇغىنىڭ ئۆزى ئۆزبەك  ئۇلۇسىنىڭ خانى ئەبىلخائىر بىلەن ئاراز بولىدۇ. ئەبىلخائىر ئەسكەر ژىغىپ، كېرېي  ۋە  ئەز ژەنىبېككە قارشى ئاتلىنىدۇ. بىراق  يولدا ئاغرىپ كۆز ژۇمىدۇ. ئەسكەر ژۈرۈشنى توختىتىپ، خاننى دەپىن قىلىشقا  ئوردىغا قايتىدۇ.
قەشقەرىيەدىن  ياردەم ئېلىپ ئەبىلخائىرنىڭ ئەسكىرىنى كۈتۈپ تۇرغان كېرېي بىلەن ئەز ژەنىبېك ئۇنىڭ كېيىن قايتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، دەشتى قىپچاققا كېلىدۇ.  كۆپلىگەن قەبىلە باشلىقلىرى  (ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۈرگې — بېرېكې سۇلتانمۇ بار) ئۇلارنى قوللاپ، ئەبىلخائىرنىڭ مىراسخورى  شېيخ-خايدارغا قارشى چىقىدۇ. توقۇنۇشتا خايدار ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ  مۇھەممەت (1451-ژىلى تۇغۇلغان)، ماخمۇد (1454-ژ.) دېگەن ئىككى ئوغلى ئۆز تەرەپدارلىرى  بىلەن قېچىپ ئاستراخانьغا كېتىدۇ. ئۆزبەك  ئۇلۇسى تاراپ ۋولگا، نۇرا، ئېسىل دەرىيالىرىنىڭ بويى، ئارال ئەتراپى، ماڭغыستاۋنى  ماكانلىغان مانغыت، ئالشىن،  تاما، كېرېي، نايمان، قىپچاق يەنە باشقا  قەبىلىلەر بىرىكىپ، ماڭغыت خانلىغىنى  قۇرىدۇ، كېيىن ئۇلار نوغاي خانلىغى دەپمۇ  ئاتىلىدۇ. نۇرا دەرىياسىنىڭ شىمالىي،  توبول، ئېسىل ھەم ئىرتыش  دەرىياسىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە ماكانلىغان كېرېي،  نايمان،  ئۇئاق، قىپچاق باشقىمۇ قەبىلىلەر سىبىرь خانلىغىغا  كىرىدۇ. يەتتىسۇنىڭ غەربى: سىر، سارыسۇ ئەتراپىنى ماكانلىغان ئارغыن، دۇلات، قانلы، ژالايыر ۋە باشقا قەبىلىلەر كېرېي بىلەن ئەز ژەنىبەكنى قوللاپ 1470—1471-ژىللىرى قازاق خانلىغىنى  قۇرىدۇ. (ئا.كۈزېمباي ұلы، ئېكىن ئەبىل ئامانژول ұلы "ئىستورىيا رېسپۇبلىكى كازاخستان"، ئالماتы، 1998-ژ.، 134-136-ب.).
ئاتا قىساسىنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇمىغان ئەبىلخائىرنىڭ  نەۋرىسى مۇھەممەت ئېلىغا قايتىپ كېلىپ،ژۇتىنى ژىغىدۇ. ئابرويى ئۆسۈپ، بىر مۇنچە ئەسكەر ژىققان ئۇ  بۈرگې سۇلتان بىلەن  سىردارىياسىنىڭ  تۆۋەنكى بويىدا قىشلاشنى خوپ كۆرىدۇ. بىر كۈنى ئۇ نۆكەرلىرىگە ئوغا چىقىمىز،  بارلىغىڭ مېنىڭ  ئەتراپىمغا  ژىغىلىڭلار دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ. نۆكەرلەر ژىغىلغاندا،  ئۇ بۈرگې سۇلتاننىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىغىنى  ئېيتىپ،  مال-مۈلۈككە قىزىقماڭلار، ئوردىنى  قورشاپ،  بۈرگېنى تۇتۇڭلار دەپ بۇيرۇيدۇ. تاڭ سەھەردە  ئاتلارنىڭ دۈكۈرلىشىدىن چۆچۈپ ئوخانغان بۈرگې ھودۇققىنىدىن ژۇگىسىنى  يېپىنىپ، قېلىن قومۇچلۇقنىڭ ئىچىگە  كىرىپ كېتىدۇ. ئۆينى   ئاختۇرغان مۇھەممەتنىڭ ئادەملىرى  ئۇنى تاپالماي،  پىتىراپ قاچقان ئادەملەرنى قوغلاپ ماڭىدۇ. بىر قاچقۇن ئۆزىگە يېقىنلاپ كەلگەن سەرۋازنىڭ: — سەن كىمسەن، توختا،  — دېگەن سۆزىگە: —  مەن سىلەر ئىزدەپ ژۈرگەن ئادەممەن، دەپ  قېچىپ كېتىدۇ.  سەرۋازلار  ئۇنى تۇتۇپ سۇلتانغا  ئېلىپ كېلىدۇ. سۇلتان ئۇلارغا :
—  بۇ بۈرگې ئەمەس، ئۇنىڭ خىزمەتكارى ئۇيغۇر مۈنكې، دەپ  ئېيتقاندا، نۆكەرلەر  بۇ كىشى: "مەن سىلەر ئىزدەپ ژۈرگەن ئادەممەن"  دەپ بىزنى  ئالدىدى دەيدۇ. سۇلتان مۈنكېدىن:
— سەن نېمىشكە نۆكەرلەرگە يالغان ئېيتىڭ؟ — دەپ سورايدۇ.
— بۈرگې  ياخشى ئادەم ئېدى،  مەن بېشىمنى ئۆلۈمگە تىكىپ،  ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشىغا  مۈمكىنچىلىك بەردىم. بۈرگې ژىراقلاپ كەتتى، ئەندى  سىلەر  تۇتالمايسىلەر،  — دەيدۇ مۈنكې.
مۈنكېنىڭ جاۋاۋىغا رازى بولغان مۇھەممەت ئۇنىڭ  گۇناسىدىن كېچىپ،  سوغا بېرىپ قويۇۋېتىدۇ. سەرۋازلار قايتىدىن بۈرگېنى ئىزدەپ، ئۇنى تېپىپ، سۇلتاننىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە، مۇھەممەت بۈرگېنى ئۆلۈم جازاسىغا كېسىپ، ئۇنىڭ  ئۈلۈشىنى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ. مۇھەممەت سىر ۋە ئامۇدەرىيانىڭ  ئارىلىغىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىر قاتارىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، مۇھەممەت  شەيبانى ئاتىلىدۇ. ئۇ  سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلىپ،  تۆمۈر  ئەۋلادىنى  ژۇقۇرى  بىيلىكتىن كەتتۈرىدۇ.
ئەبىلخائىرنىڭ نەۋرىلىرى قازاق خانلىغى بىلەن بىر نەچچە رەت توقۇنۇشسىمۇ،  قېرىنداشلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزمەيدۇ. مۇھەممەتنىڭ ئىنىسى ماخمۇت قازاق خانى بۇرۇندۇقنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ،  ھە ئۇنىڭ بالىسى مۇھەممەت  تۆمۈرمۇ بۇرۇندۇققا كۈي- ئوغۇل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇدىلىشىپ، ئارىلىشىپ ياشىغان بىر خەلىق ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مۇھەممەت شەيبانىنى ياقلىغانلار،  يەنى چوڭ ئاتىدىن تارىغانلار ئۆزلىرىنى ئۆزبەك دېسە،  ئۇلاردىن بۆلۈنۈپ كېرېي بىلەن  ئەز ژەنىبېكنى ياقلىغانلار  قازاق ئاتىلىدۇ. بۇ بۆلۈنۈش كېيىنىرەك قازاقلار ئىچىدە  "ئۆزبەك ئۆز ئاغام" دېگەن خەلىق سۆزىنىڭ  چىقىشىغا سەۋەپكار بولسا كېرەك.
قازاق خانلىغىنىڭ بىرىنچى خانى بولۇپ كېرېي سايلىنىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن 1474-ژىلى ئۇنىڭ مىراسخورى  بۇرۇندۇق تەختكە ئولتىرىپ ئەز ژەنىبېك بىلەن بىللە  ئەل باشقۇرىدۇ. خانزادىلارنىڭ ئىچىدە  ئەز ژەنىبەكنىڭ بالىسى  قاسىم خەلىق ئىچىدە  ئالاھىدە  ھۆرمەتكە ئېگە بولۇپ،  ئۇ  بارلىق  ئىچكى-سىرتقى سەياسەتتە،  مەملىكەتنى ھىمايە قىلىشتا  چوڭ كۈچ چىقىرىپ،  ئىرادىلىگىنى، دادىللىغىنى تونۇتىدۇ.  ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ  ژۇقۇرى  بىيلىكتىن  ئۈمۈت قىلىپ،  بۇرۇندۇقنىڭ  تەرەپدارلىرى  بىلەن  جېدەللىشىدۇ. بۇنىڭدا قاسىم يېڭىپ،  بۇرۇندۇق ئۆزبەك ئۈلۈشىگە كېتىدۇ. قاسىمخاننىڭ  دەۋرىدە قازاق خانلىغىنىڭ چېگارىسى جەنۇپتا  سىرنىڭ ئوڭ قانىتى،  تۈركستان شەھىرى،  جەنۇبىي -شەرىقتە  يەتتىسۇ ئۆلكىسىنىڭ  بىر مۇنچە  يەرلىرى،  شىمالىي- شەرىقتە  ئۇلۇقتاغ  بىلەن بالقاش ئەتراپى،  شىمالىي- غەرىپتە  ئۇرال دەرىياسى بويىغىچە كەڭەيتىلدى. قاسىم ئۆلگەندىن كېيىن خانزادا،  سۇلتانلارنىڭ  ئارىسىدا  مەنسەپ تالاش نەتىجىسىدە  قازاق خانلىغى بىر مۇنچە يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەلنى تىنىچلاندۇرۇپ،  نوغاي خانلىغىغا،  سىبىرь خانلىغىغا كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇش قاسىمنىڭ ئوغلى  نازارنىڭ  ئۈلۈشىگە  تەگدى. نازار خاننىڭ يولىنى تۇتقان  ئۇنىڭ قېرىندىشى تاۋكېلخان،  ئىنىسى ئېسىمخان قازاق خانلىغىنى كۈچەيتتى. بىراق  نازارنىڭ ئاكىسى ژالىم سۇلتاننىڭ بالىسى تۇرسۇن ئېسىمنى تەختتىن مەھرۇم قىلدى. ئېسىم تەرەپدارلىرى بىلەن قېچىپ ئۇيغۇرلارغا (موغولستانغا) كېلىپ ئۇلاردىن ياردەم ئېلىپ،  شەرىقتىن كەلگەن قالماقلارغا  تاقابىل تۇرۇپ،  تۇرسۇندىن تەختنى تارتىۋالدى. ئېسىم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مىراسخورى ژانگىر (1628—1652 ژ.) تەختكە  ئولتاردى. قالماقلار قازاقلار بىلەن  ھازىرقى ئىلى دەرىياسى بىلەن بالقاش كۆلىنى چېگارا قىلدى. ئەندى شەرىقتە ئېنىسېي دەرىياسىغىچە بېرىپ،  ھازىرقى موڭغولىيانىڭ غەربىي قىسمىنى، قەشقەرىيە (موغولىستان) خانلىغىنى،   تىبەتنى ئۆزىگە  بېقىندۇردى.
ئۇلار  قازاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا  ژانگىرخاننى ئەسىرگە ئېلىپ،  بىر ژىلدىن كېيىن قايتۇرىدۇ. بۇنىڭغا رەنجىگەن  قازاقلار قالماقلارغا  ئۆچمەس،  پۈتمەس دۈشمەن بولىدۇ. قالماقلار 1652-ژىلى  ئىسسىقكۆل بويىدىكى قىرغىزلارنى بېقىندۇرۇپ،  قازاقلار بىلەن  قايتىدىن ئۇرۇشۇپ،  يەكمۇ-يەكتە  جانگىرخاننى ئۆلتۈرۈپ،  سايرام قامالىنى ۋەيران قىلىپ،  پەرغانىغا  قول سوزىدۇ. شەرىقتە قالماقلار خالخىغا ھۇجۇم قىلىپ،  ئۇنىڭدىكى ھاكىمدار توپنى  مانژۇرىيا ۋە خىتايغا سۈرىدۇ. مىن ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭىلىشى  ئەل ئارىسىدا نارازىلىق تۇغدۇرىدۇ. خەلىقنى تىنىچلاندۇرغان چۇرژېن بىرلەشمىسىنىڭ   باشچىسى ئاباخاي 1644-ژىلى ژۇقۇرى بىيلىكنى قولىغا ئېلىپ،  خىتايدا  چىن سۇلالىسىنى ئورنىتىدۇ.
قالماق خانى گالدان  ژۈرۈشتە ۋاقتىدا  ئۇنىڭ تۇققىنى Цئېۋان رابتان  ئوردىدا  ھەربىي ئاغدۇرۇش ئۇيۇشتۇرۇپ، گالداننىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. ياقلىغۇچىلىرىدىن جۇدا بولغان گالدان ئوغا ئىچىپ ئۆلىدۇ. قالماقلار ئارىسىدىكى   تارتىشلار قازاقلارغا  ۋاقىتلىق  تېچلىق ئەكېلىپ، ئۇلار جانگىرنىڭ ئوغلى تەۋكېنى 1680-ژىلى  خان تەختىگە كۆتىرىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى قىلىپ،  تۆلې، ئەيتېكې، قازىبېك بىيلەرنى سايلايدۇ. جانگىرنىڭ  چوڭ ئوغلى ئۇئەلىباقى بىيلىككە يېتەلمەي، تۇققانلىرىغا ئاچچىقلىنىپ، ئۆرگەنىشنى بىيلەپ تۇرغان تاغىسى قايىپخاننىڭ قولىغا بارىدۇ. ئۇئەلىباقىنىڭ بالىسى ئابыلاي يەكمۇ-يەكتە  ھېچ كىم چاق كەلمەيدىغان باتۇر بولۇپ، قان ئىچەر ئابыلاي ئاتىلىپتۇ. موشۇ ئابыلايدىن كۆركەم ئۇئەلى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ بالىسى ئەبىلمەنسۈر (كېيىن قازاققا خان بولۇپ   ئابыلايخان ئاتىلىدۇ). خان تەۋكې مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ،  كۈلتۆبې "ژېتى ژارغы" قانۇنىنى قوبۇل قىلىدۇ. روسسىيا دۆلىتى بىلەن ئىتتىپاق، دوستلۇق ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ. خان 1710-ژىلى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى  بىلەن ئۈچ يۈزنىڭ كۆرنەكلىك ۋەكىللىرىنى ژىغىپ، قاراقۇمدا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ،  قىرغىز، نوغاي  قەبىلىلىرى بىلەن كۈچ بىرىكتۈرۈپ، قالماقلارنى شەرىققە تامان سۈرىدۇ، بىراق 1714-ژىلى ھەل قىلغۇچى جەڭدە يېڭىلىپ،  كۆپ ئۆتمەي كۆز ژۇمىدۇ. تەۋكېنىڭ ئۆلۈمى سۇلتانلار ئارىسىدىكى مەنسەپ تالاشنى تۇققۇزىدۇ. ئەلنى تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپچىلىك 1717-ژىلى خان تەختىگە  ئېسىمخاننىڭ  نەۋرىسى قايىپنى ئولتارغۇزىدۇ. قايىپ كىچىك يۈزنىڭ سۇلتانى ئەبىلخائىر بىلەن ئەسكەر ژىغىپ قالماققا قارشى ئاتلىنىدۇ.  ئاياگۆز دەرىياسىنىڭ بويىدىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ،  كېيىن قايتىدۇ. قالماقلار  ئۇلارنى  قوغلاپ،  قازاق خانلىغىنىڭ جەنۇبىدىكى ماكانلارنى بېسىۋالىدۇ. 1718-ژىلى  قايىپ دۇنىيادىن ئۆتكەندە،  قازاق سۇلتانلىرىنىڭ  ئىچىدە  تەخت تالاش كۈچىيىدۇ. بەزى سۇلتانلار ياش، ئالغۇر،  جاسۇر ئەبىلخائىر سۇلتاننى خان تەختىگە كۆتەرمەي،  تەۋكېنىڭ  ئوغلى بولاتنى سايلايدۇ. بۇنىڭغا قارشى  بولغان  كىچىك يۈزلۈكلەر  ئەبىلخائىرنى ئۆز  خانىمىز دەپ تونۇيدۇ. ئوتتۇرا يۈزنىڭ  قەبىلىلىرى شاھ مۇھەممەت سەمېكېگە بېقىنىدۇ. بۇ تالاش-تارتىشتىن خەۋەر تاپقان قالماق خانى Цئېۋان رابتان 1723-ژىلنىڭ  باھارىدا  قاراتاغدىن ئېشىپ،  تالاس ئەتراپىدا تۇرىدىغان خەلىقنى  قاتتىق  قىرغىنغا  ئۇچرىتىدۇ. 1724—1725-ژىللىرى قالماقلار تۈركستان بىلەن تاشكەنتنى ئېلىپ،  كىچىگىرەك  شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئامان قالغان خەلىق بېزىپ بۇخارا ۋە  سەمەرقەنتكە كېتىدۇ. بۇ ۋاقىئە قازاق تارىخىدا "ئاقتابان شۇبыرыندы" دەپ ئاتىلىپ قالدى. خەلىق  ھوشىنى ژىغىپ تەخت تالاشنى توختىتىپ، 1726-ژىلى ئەبىلخائىرنى باش قوماندانلىققا تايىنلايدۇ. كېلەر ژىلى Цئېۋان رابتان ئالەمدىن ئۆتۈپ،  ئورنىغا  بالىسى  گالدان Цئېرېن ئولتىرىپ،  ئۇ  مانجۇرىياگە ئاتلىنىپ،  خىتاينىڭ  60 مىڭ  ئەسكىرىنى تالقانلاپ،  ئۇلارنىڭ باش  قوماندانىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. قالماقلاردىن گۇمانلانغان چىن ئىمپېرىياسى روسسىيالىكلەر بىلەن بىرىكىپ،  قالماق خانلىغىنى يوقىتىپ،  ئۇنىڭ يېرىنى بۆلۈشۈپ ئالايلۇق دېگەن تەكلىپ بىلدۈرىدۇ. (بۇ تەكلىپ روسسىيالىك تەرەپتىن قوبۇل قىلىنسا كېرەك، بۇنىڭغا كېئىينكى ۋاقىتتىكى روسسىيا –خىتاي ئالاقىلىرى گۇۋا بولىدۇ — ق.م.). قالماقنىڭ ئاساسىي كۈچى خىتايدا ژۈرگىنىنى بىلگەن  ئەبىلخائىر ئەسكەر ژىغىپ،  قالماققا قارشى ئاتلىنىپ،  ئۇلارغا بۇلانتы دەرىياسىنىڭ بويىدا  (قاراغاندا ۋىلايىتى) زەربە بېرىدۇ. قاچقانلىرىنى قوغلاپ، 1729-ژىلى بالقاش كۆلىنىڭ  يېنىدىكى ئاڭыراقاي دالاسىدا  قالماقنىڭ  ئەسكەرلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ،  غالىبىيەتكە يېتىدۇ. خوشاللىق بىلەن قايتقان ئەبىلخائىر خان تەختىگە  ئۈمۈتكار ئېكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق كۆپچىلىك ئۇنى سايلىماي،  1730-ژىلى بولاتنىڭ بالىسى ئەبىلمامبېتنى خان تەختىگە كۆتىرىدۇ. بۇنىڭغا رەنجىگەن ئەبىلخائىر ئۇفا شەھىرى ئارقىلىق روسسىيا ئىمپېراتورىغا  قازاق خانلىغىنىڭ نامىدىن خەت يوللاپ، ئىمپېراتوردىن  قازاق خەلقىنى قارىمىغىغا ئېلىشنى ھەم ھىمايە قىلىشنى ئۆتۈنۈپ،  خان تەختىنى ئۆزىنىڭ نەسلىگە، ئاتىدىن بالىغا بېرىشنى سورايدۇ. ئەبىلخائىرنىڭ ئۆتۈنۈشى بويىچە پادىشا پەرمانى بىلەن قازاق دالاسىغا تاتار پەرزەندى  قۇتلۇ مۇھەممەت تېۋكېلېۋ (خرىستىئانچە ئىسمى ئالېكسېي ئىۋانوۋىچ) ئەلچى بولۇپ كېلىدۇ.  ئۇ ئۆز ياردەمچىلىرى ۋە ھىمايىچىلىرى بىلەن ئورۇنلىشىپ، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلىغاندا،  ئەبىلخائىرنىڭ باشقا خانلىرى ۋە  سۇلتانلىرىنىڭ قارارىنى كۈتمەي، پادىشاغا خەت يوللىغىنىنى ئېنىقلايدۇ. ئۇ  ئەل ئارىلاپ قازاق خان، سۇلتان، قەبىلە باشلىقلىرىنى، باتۇر، بىيلىرىنى ژىغىدۇ. ژىغىلغانلارنىڭ بەزىلىرى ئەبىلخائىرنى ئەيىپلەپ،  روسسىياگە  بېقىندى ئەمەس،  ئۇ ئەل بىلەن دوستلۇق شەرتنامە تۈزۈشنى سورايدۇ. بۇنىڭغا ئەلچى ھەم ئۇنىڭ  ھەمرالىرى قارشى بولىدۇ. مۇھاكىمىگە پائال قاتناشقان بۆگېنباي،  ئېسېت باتۇرلار،  كۆدېي مىرزا ۋە  27 قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئاكتىۋىستلار ئەبىلخائىرنى قوللايدۇ. كۆپ ئۆتمەي روسسىياگە بېقىندى بولۇشقا  ئوتتۇرا يۈز خانى سەمېكې،  ئۇلۇق يۈزدىن تۆلې،  قودار،  خانگېلدى بىيلەر،  ساتار ۋە  بۆلېك باتۇر ئۆز  پىكىرلىرىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قازاق خەلقى 1731—1733-ژىللار ئارىسىدا  روسسىيا پادىشالىغىغا بېقىندى بولۇپ كىرىدۇ. قول قويۇلغان شەرتنامە ئەل ئارىسىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك، سۇلتانلارنىڭ تەككەببۇرلىغى، رۇسلارغا بېقىندى بولۇپ بەزىلىرى  خرىستىئان دىنىغا كىرىپ، "كازاك" ئاتالغان بەزى  قېرىنداشلىرىنىڭ  قازاق يېرىگە  قېتىڭ-قېتىڭ ھۇجۇم قىلىپ،  ئۈنۈملۈك يەرلەر بىلەن يايلاقلارنى  ئېگىلەۋېلىشىغا  مۈمكىنچىلىك يارىتىدۇ. ئەندى شەرىقتە  قالماقلار  ئەلنىڭ تىنىچلىغىنى بۇزىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقنى رەتلەش ئۈچۈن قازاق زىيالىلىرىنىڭ  تەكلىۋى بىلەن  ئورыنبور ئۆلكىسىنىڭ  باشلىغى ۋ.ن.تاتىشېۋ 1740-ژىلى كىچىك، ئوتتۇرا يۈز ئاقساقاللىرى بىلەن  سۇلتانلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزىدۇ. قۇرۇلتايغا قاتناشقان  ئەبىلمەمبېتخان، ئابыلاي سۇلتان ۋە باشقىلار ۋ.ن.تاتىشېۋنىڭ  قازاقلارنى سىرتقى دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن بارلىق مۈمكىنچىلىكنى ياسايدىغان  ئىشەنچىسىگە ئېگە بولىدۇ. بۇ قارارغا  نارازى بولغان قالماقلار 1741-ژىلى  ئەسكەر ژىغىپ،  قازاقلارغا  قارشى ئاتلىنىدۇ.  ئۇلار  توبول ۋە  ئىشىم دەرىيالىرىنىڭ  ئارىلىغىدا بولغان جەڭدە  ئابыلاينىڭ ئەسكىرىنى يېڭىپ، سۇلتان بىلەن ئۇنىڭ 35 ئادىمىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېسىمنىڭ بالىسى ژولبارыسنىمۇ ئەسىرگە ئالىدۇ. ئورыنبورغا كەلگەن قالماق  ئەلچىسىگە گۇبېرناتور ئى.ش.نېپليۇېۋ "سىلەر نېمىشكە  ئابыلاينى تۇتۇپ تۇرىسىلەر" دېگەن سورىغىغا ئەلچى: "ئۇ قالماق خانىنىڭ يېقىن  تۇققىنىنى ئۆلتەردى، ئابыلاي قالماقلاردىن ھېچ قانداق قىيىنچىلىق  كۆرۈۋاتمايدۇ" دەيدۇ. قالماق خۇنتايچىسى  ئابыلاينىڭ جوشы  ئەۋلادىنىڭ  پەرزەندى ئېكەنلىگىنى بىلىپ،  ئۆز مەخسىتىگە پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تۇققىنى توقۇش خانىمنى ئۆيلەندۈرىدۇ.  (توقۇشتىن قاسىم تۇغۇلىدۇ. قاسىمنىڭ بالىسى كېنېسارы) ئابыلاي قالماقلارنىڭ ئىچىدە ژۈرۈپ، تىلنى، يېزىشنى ئۈگىنىپ، مەلۇم ئابرويغا ئېگە بولىدۇ. ئۇنىڭ قالماقلار بىلەن چىقىشىپ،  ئەبىلمەمبېت  بىلەن روسسىيا ئەلچىسى مايور  مىللېرنىڭ  ئارىلىشىشى ئىككى ژىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئامان-ئېسەن بارلىق ئادەملىرى بىلەن ئېلىگە قايتىشقا مۈمكىنچىلىك  يارىتىدۇ.  بۇ توغرىلىق 1743-ژىلى  ئەبىلمەمبېتنىڭ  ئوردىسىغا بېرىپ قايتقان ئورыنبور گۇبېرناتورىنىڭ ۋەكىلى ئى.لاپىن بىلەن  م.ئاسانوۋ  مۇنداق دەيدۇ:  "ئون،  ئابыلاي ئوت ژيۇنگارцئېۋ س ۋېلىكىم  ناگراژدېنىئېم  ئوتپۇщئېن، ئا ئىمېننو: دانا  ئېمۇ پالاتكا،  щئىتايا زولوتوم щئۇبا، كرыتايا پارچويۇ زولوتويۇ،  پالاتكا ژېلېزنايا سكلادنايا،  پانьцئېر پروچېئې" ( "ئېگېمېن قازاقستان" گېزىتى، 20-فېۋرالь، 2013-ژ.). ئابыلاي قالماقلار ئارىسىدا ژۈرگەندە داۋاцئى، ئەمىرسانا دېگەن نويانلار بىلەن ياخشى ئالاقە ئورنىتىدۇ.
ئابыلاينىڭ تۇتقۇندا بولۇشى قازاق سۇلتانلىرىنىڭ ئارىسىدا  ھەر خىل پىكىرلەر پەيدا قىلىپ،  ئۇلارنىڭ  بېشىغا كۈن تۇغۇلغاندا، ئەبىلخائىرنىڭ ياردەم قىلمىغىنى دېلىكەي بولۇپ،  ئەبىلخائىر 1748-ژىلى ئۆز قانداشلىرىنىڭ  قولىدىن قازا تاپىدۇ. خاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بالىسى نۇرالى سايلىنىپ،  پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇنىڭغا ھەر ئايدا بېرىلىدىغان مائاش بەكىتىلىدۇ. موشۇ چاغدا  قالماق خانزادىلىرىنىڭ ئىچىدە تەخت تالاش باشلىنىپ،  ئۇلار بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. ژۇقۇرى  بىيلىكتىن تاما قىلغان ئەمىرسانا چىن ئىمپېراتورى چەنلۇنغا  ئەرىزە قىلىدۇ.
1755-ژىلى ئەمىرسانا  200 مىڭ مانجۇر-خىتاي ئەسكىرىنى  باشلاپ كېلىپ،  داۋاцئىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. ئىمپېراتور  داۋاцئىنى ئۆلۈم جازاسىغا كېسىپ،  ئەمىرساناغا بەرگەن ۋەدىسىدىن  يالتىيىپ،  ئۇنى قالماقلارنىڭ  ئەمىرچىسى بولۇپ سايلانغان مانجۇر بانьدىغا ياردەمچى قىلىپ  بەكىتىدۇ. ئالدانغىنىنى بىلگەن ئەمىرسانا چىن ئىمپېرىياسىنىڭ  جوڭغار دالاسىدىكى قالدۇرغان ئەسكىرىنى تالقانلاپ،  ئۆزىنى  قالماقلارنىڭ  خانى دەپ ئېلان قىلىدۇ. غەزەپلەنگەن چەنلۇن  دەررۇ ئەمىرساناغا قارشى  كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئايىماي قىرىدۇ. ئەمىرسانا  قېچىپ قازاقلارغا كەلگەندە،  ئابыلاي سۇلتان، بۆگېنباي،  قوژابېرگېن باتۇر ياردەملىشىپ،  قوغلاپ كەلگەنلەرگە زەربە بېرىدۇ. كېلەر   1757-ژىلى ئىمپېراتور يەنە ئەمىرساناغا  قارشى  جاۋخەي باشلىغان كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىپ،  قالماقلار بىلەن ئۇنىڭ ياقلىغۇچىلىرىنى رەھىمسىز قىرىپ، شەمەيگە يېقىنلايدۇ. ئابыلاي ژاۋخەيگە ئەلچى ئەۋەتىپ،  چىن ئىمپېرىياسىنىڭ ھاكىمدارلىغىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر ئالغان روسسىيا پادىشاسى چىن ئىمپېراتورىغا  تۆۋەندىكى يوللانمىنى  ئەۋەتىدۇ. رۇسچىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغان ق.مەسىمىي. "…سىلەر نېمىشكە بىزگە بېقىندى بولغان سۇلتان بىلەن  ئالاقە ياسايسىلەر…؟" چىن ئىمپېراتورى بۇ خەتكە تۆۋەندىكى جاۋاپنى بېرىپتۇ: "…نەدىن ئابыلاي سىلەرنىڭ  بېقىندىڭلار؟ ئەگەر ئۇ باشقۇرغان خەلىق سىلەرگە بېقىندى بولسا،  سىلەر نېمىشكە ئۇلارغا  ياردەم بەرمىدىڭلار؟ ئابыلاي خەلقىنى  قىرغىندىن ساقلاش ئۈچۈن بىزنىڭ  بىيلىگىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ  قارىمىغىڭلاردا بولغۇسى كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركى…" (ئا.گ.ئولوۋىنцئوۋ، گ.ژ.تابۇلدىن "چىنگىزىدы. دىناستىئى ئى эپوخا"،  ئاستانا، 2010-ژىل، 73-75-ب.).  ئۇرۇش توختىتىلىپ،  ئەمىرسانا  ئۆز تەرەپدارلىرىنىڭ  قولىدىن قازا تاپىدۇ. قالماقلارنى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى چىن ئىمپېرىياسى غەرىپ ئۆلكە،  يېڭى ئۆلكە،  يېڭى چېگارا  ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەنالارنى بېرىدىغان  شىنجاڭ دېگەن  تامغا بىلەن يازىدۇ. (ئا.توقتاباي. "تۈرك خەلىقلىرىنىڭ эتنومەدەنىيىتى"،  ئالمۇتا، 2006-ژ.، 223-ب.). بۇ تامغا (ئىئېروگلىف) ھازىر پەقەت شىنجان ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىدىلا  قوللىنىلىدۇ.
     چىن ئىمپېرىياسىگە بوي سۇنمىغان ئۇيغۇر سۇلتانلىرى بۇرخانىدىن بىلەن خانغوجا قەشقەر،  ياركەنت  شەھەرلىرىدە 1757-ژىلى  مىللىي-ئازاتلىق ئىنقىلاپ كۆتىرىپ،  جەنۇپتىكى چىن ئارمىياسىنى چوڭ چىقىمغا ئۇچراتتى. جاۋخەي دەررۇ قازاق يېرىگە كىرگەن چىن ئەسكىرىنى كېيىن قايتۇرۇپ، قەشقەردىكى كۆتىرىلىشنى بېسىشقا  بۇيرۇق بەردى. چوڭ ئارمىياگە  تاقابىل تۇرالمىغان  بۇرخانىدىن بىلەن خانغوجا چېكىنىپ  بەدەخشان ۋە قوقەنتكە كەتتى.
( م.ياقۇپوۋ، "كۇلьدژا — گورود تورگوۋыي"، ئالماتы،  2004-ژىل، 36-بەت.) بۇ كۆتىرىلىش  چىن ئىمپېرىياسىنىڭ  غەربىي ئۆلكىلەرگە: قازاق، قىرغىز،  ئۆزبەك يەرلىرىگە  ژۈرۈشىگە  توسالغۇ بولسا،  روسسىيا — پرۇسسىيا چېگارىلىرىدا بولغان قۇراللىق توقۇنۇش رۇسلارنىڭ شەرىققە قاراپ سىلجىشىنى تېجەيدۇ. قالايمىقانچىلىق دەۋىر مۇسۇلمان جامائىتىنى ئويغىتىپ،  ئۇلار 1763-ژىلى  ئاۋغانستان شاخى ئەخمەتنىڭ يېتەكچىلىگىدە  خىتايغا قارشى ژۈرۈشكە چىقىشقا تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر ئالغان خىتاي ئىمپېراتورى 1763-ژىلى ئابыلاينى پۈتكۈل قازاق ئېلىنىڭ خانى ئېكەنلىگىنى تەستىقلەيدىغان  ھۆججەت (گراموتا) ئەۋەتىدۇ.  ئابыلاي ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ  ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن كېلىشىلگەن شەرتنامىنى بۇزمايدۇ. چۇ، تالاس ئەتراپىدىكى قىرغىزلارنى  چېكىندۈرۈپ،  قوقەنت خانلىغىدىن تۈركستان، سايرام،  چىمكەنتنى  ئېلىپ،  ھازىرقى قازاقستاننىڭ  جەنۇبىي  چېگارىسىنى بەكىتىدۇ. ئابыلاينىڭ تەدبىرچانلىغىنى،  باتۇرلىغىنى،  كوماندانلىق ماھارىتىنى چۈشەنگەن خەلىق ئۇنى 1772-ژىلى غوجا ئەخمەت مېچىتىدا خان تەختىگە سايلايدۇ. قازاقنىڭ  ئۇش  يۈزىنى  بىرىكتىرگەن خان   ئابыلاي  خوشنا دۆلەتلەر بىلەن تىل تېپىشىپ،  چېگارا ئەتراپىدا  تېچلىق ئورنىتىپ،  ئەلنىڭ  تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆتەرگەندە ئاغرىپ،  1781-ژىلى ۋاپات بولىدۇ. خاننىڭ مىراسخورى ۋەلى ئاتا يولىنى تۇتالمايدۇ. سۇلتانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار،  روسسىيا ئىمپېرىياسىنىڭ  قازاق يېرىگە كىرىپ، قورغان، بەكىنىشلىرىنى سېلىشقا  مۈمكىنچىلىك يارىتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى بولغان قازاق باتۇرلىرى يەرلىك، ئۆلكىلىك كۆتىرىلىشلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،  چوڭ غالىبىيەتكە يېتىشەلمەيدۇ. بۇنى  ياخشى چۈشەنگەن ئابыلاينىڭ نەۋرىسى كېنېسارы ئۈچ يۈزنى بىرىكتۈرۈپ،  مىللىي ئازاتلىق كۆتىرىلىش ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. 1841-ژىلى ئۈچ يۈزنىڭ ۋەكىللىرى كېنېسارы قاسىموۋنى  خان سايلايدۇ. كېنېسارыنىڭ كۈچىيىشىدىن  گۇمانلانغان  روسسىيا پادىشاسى نىكولاي  I 1843-ژىلى كېنېسارыغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئېچىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ("قازاقستان تارىخы كۆنې زاماننان بۈگіنگې دېيіن"، ئالماتы، 1994-ژ. 228-231-ب). كېنېسارыنى قوللىمىغان  قازاق سۇلتانلىرى بىلەن بىيلىرى ئۇنى رۇس ئەسكىرىنىڭ ياردىمى بىلەن  قىسىمغا ئېلىپ،  جەنۇپقا چېكىندۈرىدۇ. ئۇلۇق يۈز قەبىلىرىدىن ياردەم  ئالغان كېنېسارы قوغلىغۇچىلارغا قارشى تۇرۇپ، ئوردىسىنى مېركې بەكىنىشىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1847-ژىلى  روسسىيالىكلەرنى قوللىغان قىرغىز ئەسكىرى كېنېسارىنىڭ رەقىپلىرى بىلەن كۈچ بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۈچ تەرەپتىن  ھۇجۇمغا چىقىدۇ. خاننىڭ ئەسكىرى جەنۇپقا چېكىنىپ، توقماق شەھىرىنىڭ  تۈۋىدىكى جەڭدە يېڭىلىپ،  كېنېسارы 32 قازاق سۇلتانلىرى بىلەن  قازا تاپىدۇ. رۇسنىڭ چارلىغۇچى مەھكىمىسى كېنېسارىنىڭ ۋاپات بولغان ژىلى  12 ياشلىق چوقان ۋەلىخانوۋنى ئومسكىدىكى كادېت كورپۇسىغا ئوقۇشقا ئېلىپ،  ئۇنىڭ ئوقۇش پروگراممىسىغا مەخسۇس پەنلەرنى كىرگۈزىدۇ. (ب. قыستاۋبائېۋ. "تاينا چوكانا ۋالىخانوۋا"، ئالماتы، 2009-ژ.، 26-ب.) 1853-ژىلى چوقان ئوقۇشنى پۈتىرىپ، دەسلەپ قاتاردىكى ئوفىцئېر،  ئۇنىڭدىن كېيىن گېنېرال گ. گاسفورتنىڭ ئادьيۇتانتى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 1856-ژىلى ئۇ  رۇس эكسپېدىцئىياسى بىلەن ئىسسىقكۆل بويىغا كېلىپ،  قىرغىزلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تارىخىنى ئۈگىنىپ قايتىدۇ. روسسىيا ئىمپېرىياسىنىڭ  بىرىنچى چارلاش تاپشۇرمىسىنى ئويدىكىدەك ئورۇنلىغان چوقان 1856-ژىلى مەخسۇس تاپشۇرما بىلەن غۇلجىغا كېلىپ،  ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇرۇپ،  كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ژىغىپ، ئومسكىغا كېلىدۇ. چوقان ئەكەلگەن مەلۇماتلار ژۇقۇرى باھالىنىپ، ئۇ ئەندى ئەڭ قىيىن ھەم خوۋۇپلۇق قەشقەر سەپىرىگە تەييارلىنىدۇ. بۇ سەپەر توغرىلىق كۆپ يېزىلغانلىقتىن مەن ئۇنىڭغا توختالماي، پەقەت بىر ئەھۋال توغرىلىق ئېيتقۇم كېلىدۇ.  ئۇ موشۇ سەپەردە چوقانغا  تۇغۇلغان  خوۋۇپ.
     بۇ خوۋۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن قىرغىز تەرەپتىن كەلگەن بىر جاسۇستىن تۇغۇلسا،  ئاندىن  "بۇ ئەلىمباي دېگەن ھېچ قانداق سودىگەر ئەمەس، رۇسنىڭ  جاسۇسى" دېگەن ئىككىنچى مەلۇمات يەنە بىر ئىشەشلىك ئادەمدىن چۈشىدۇ. بۇنى  چوقانغا يېقىن ژۈرگەن قەشقەرلىكلەر ئۆز ۋاقتىدا  خەۋەرلەپ ئۈلگىرىپ،  ئۇنىڭغا دەررۇ كېتىپ قېلىشقا  شارائىت يارىتىدۇ،  ئاخىرى تاغدىكى داۋاننى تازىلاپ،  نارىن دەرىياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار توغرىلىق يېزىلغان ئۈچ كىتاپنى سوغا قىلىپ،  ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدۇ. بۇ مەلۇماتلار چوقاننىڭ  قەشقەرگە سەپەر دېگەن كۈندىلىگىدە  يېزىلغان. موشۇ كۈندىلىك ئارقىلىق چوقان  قازاق خەلقىنى دۇنىياغا تونۇتۇپ،  پەن ساھاسىغا چوڭ ئۈلۈش قوشىدۇ.
     قەشقەر سەپىرىدىن كېيىن چوقانىڭ دۈشمەنلىرى  كۆپىيىدۇ. چۈنكى ئۇ  چوڭ مەخپىيەتنىڭ مەنبەسى ئېدى. بۇ مەخپىيەتنى تېز يوق  ئېتىشكە روسسىيامۇ، خىتايمۇ مەنپىيەتدار بولدى.  ئاخىرى ئۇ 1865-ژىلى  10-مايدا ئالتۇن ئەمەلدە، تېزېك تۆرىنىڭ ئاۋۇلىدا  قايتىش بولدى. بۇ پەقەت رەسمىي مەلۇمات. بۇ ئۆلۈمنىڭ سىرى موشۇ كۈنگىچە تولۇق ئېچىلدى دەپ ئېيتىش قىيىن. مەسىلەن، ب.قыستاۋبائېۋ "تاينا  چوكانا ۋالىخانوۋا" دېگەن تەتقىقاتىدا  بىر مۇنچە تېپىشماقلارنىڭ  چېتىنى چىقارغان. 1865-ژىلى پېتېربۇرگتىكى رۇس گېئوگرافىيالىك جەمىيىتىنىڭ ژىغىنىدا  پ. پ. سېمېنوۋ — تيانьشانسكىي دوكلاد ئوقۇپ "قىرغىزنىڭ كەڭ دالاسىدا، روسسىيانىڭ خىتاي بىلەن چېگارىداش يېرىدە كۈچ-قۇۋىتى داۋالغۇپ تۇرغان چېغىدا،  ئىنتايىن قابىلىيەتلىك قىرغىز سۇلتانى چوقان ۋەلىخانوۋ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۆلۈم  ئارىمىزدىن ژىراقتا تۇرىدىغان  ئەڭ بىلىملىك ئادىمىمىزنى ئوتتۇز يېشىدا ئېلىپ كەتتى" دېگەن. روسسىيانىڭ زىيالى  جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان،  ئابرويلۇق ئادەمنىڭ  چوقان توغرىلىق بۇ  مەلۇماتى تەسادىپى ئەمەسلىگى ئايدىن ئوچۇق. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى مەلۇماتلارمۇ  گۇۋا بولالايدۇ. چوقان بىلەن يېقىن ئارىلاشقان روسسىيا ئارمىياسىنىڭ  پولكوۋنىگى تېزېك تۆرە 1870-ژىلى قاپال بەكىنىشىگە ئاخچا ئېلىپ كېتىۋاتقان مايور زادورىنكانىڭ ئوتريادىنى يوق قىلىپ، قۇراللىرى بىلەن ئاخچىنى ئولجا ئېلىپ غۇلجىغا كېتىدۇ. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ  سۇلتانى ئەلەخان تۆرە  روسسىيادىن كەلگەن ئەلچىلەرگە: "بىز سىلەرگە  تېزېك تۆرە بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى بېرەلمەيمىز..." دەپ قايتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق قېرىنداشلىرىنى ھىمايە قىلىشى ئەل ئارىسىغا تېز تاراپ،  روسسىيا ئارمىياسىنىڭ پورۇچىگى (بەزى دېرەكلەردە پراپورщئىگى) تازابېك بۇسۇرمانوۋ، ئېسائۇل گېراسىموۋنىڭ ئوتريادىگە  ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ مال مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ 1000 يېقىن ئادىمى بىلەن غۇلجىغا كېتىدۇ. روسسىيا ئەلچىلىرى غۇلجىغا كېلىپ ئەلەخان  تۆرىدىن تېزەكنى، تازابېكنى،  ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى، ئولجا ئالغان مۈلۈكنى 1871-ژىلى 3-مايغىچە قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتъئىي تەلەپ قىلىدۇ، بەرمىسە ئىشنىڭ چاتاققا ئايلىنىدىغانلىغىنى ئەسكەرتىدۇ. ئاق پادىشانىڭ قولىغا  چۈشسە،  ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھالى قانداق بولارىنى بىلگەن ئەلەخان تۆرە ئۇلارنىڭ  تەلەۋىنى قوبۇل قىلمايدۇ. روسسىيا پادىشالىغى ئىلى سۇلتانلىغىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، 1871-ژىلى ئىيۇنь-ئاۋگۇست ئايلىرىدا ئىلى ئۆلكىسىنى بېسىۋېلىپ، سۇلتانلىقنى يوق قىلىدۇ.
    ئاق پادىشانىڭ باسقۇنچىلىق سەياسىتىگە  قارشى بولغان يەتتىسۇ خەلقى  1916-ژىلى  قايتىدىن كۆتىرىلىدۇ. پادىشا ئەسكىرى ھۆكۈمەتكە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى رەھىمسىز جازالاپ،  ئاددىي خەلىقنىمۇ  سۈرگۈنگە  چۈشىرىدۇ. زورلۇق-زومبىلىققا چىدالمىغان 300 مىڭدەك  قازاق، قىرغىزلار غۇلجا بىلەن قەشقەر ئۆلكىلىرىگە قاچىدۇ. (ئا. كۈزېمباي ұلы، ئې. ئەبىل،  "ئىستورىيا رك" ئالماتы، 1998-ژ. 293-بەت).
    1928—1932-ژىللىرى ئېۋرازىياگە كەلگەن قۇرغاقچىلىق بىر مۇنچە ئەللەرنى گانگىرىتىپ قويدى. قازاق ئېلىنىڭ  ئاساسىي كەسپى مال چارۋىچىلىغى بولغانلىقتىن، مال قىرىلىپ،  ئادەملەر چوڭ ئاپەتكە ئۇچرايدۇ. ئامان قالغانلىرى جان قاچۇرۇپ ئۇيغۇر يېرىگە  كۆچۈپ، بۇرۇن كەتكەن  قانداشلىرى بىلەن تېپىشىدۇ. ئۇيغۇرلار كەلگەن قازاق قېرىنداشلىرىنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىپ،  ئۇلارنى ئۆز  تۇققانلىرى بىلەن چېگارىداش ئۆلكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىر مۇنچە قازاقلار قازاقستاندا تىن ئېچىش مەزگىلىدۇ ئېلىگە قايتىپ كېلىپ، قېرىنداشلىرى بىلەن تېپىشىدۇ. تارىخچى ئا.توقتاباينىڭ  "تۈركى خالыقتارыنыڭ эتنومەدېنىئېتі"ئالماتы، 2006-ژ. ناملىق ئەسەرىدە  "ھازىر ئۇيغۇر ئۆلكىسىدە تۇرىدىغان قازاقلار  ئۆسۈپ سانى  1.257 مىڭغا يەتتى. ئۇلارنىڭ بېسىم كۆپچىلىگى 1871-ژىلى رۇسلار يوق قىلىۋەتكەن ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ يېرىگە ئورۇنلاشقان. قېلىن ئورۇنلاشقان ماكانى ئىلى — قازاق ئاۋتونوم ۋىلايىتى، مەركىزى غۇلجا شەھىرى. بۇ يەردە ئونغا يېقىن مەتبۇئات ۋاسىتە قۇراللىرى تارىتىلىدۇ، ئۈرۈمچىدىن  كۈنىگە  24 سائات قازاق تىلىدىكى تېلېكانال ئىشلەيدۇ" دەپ ئاتاپ كۆرسەتكەن.
         قەدىرلىك جامائەت، موشۇ تارىخىي فاكتلاردىن، ئۇنىڭ ئىچىدە  ئابыلاي بىلەن ئۇنىڭ  ئەۋلاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن ياردىمىنى بايقىغان بولارسىلەر. مۇنداق ياردەملەر بىر ئاتىلىق، قانداش، قېرىنداش ئەلدىلا بولىدۇ. ھە، بىز نېمىشكە بۆلۈنۈپ قالدۇق دېسەك، ئۇنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. بىز، "بۆلۈۋالدە، بىيلىگىن" دېگەن سەياسەتنىڭ قۇرۋانلىرىمىز. شۇڭلاشقا بىز ھازىر "شورتان، ئاققۇش، چايان" ئوخشاش تارىخنى ھەرتەرەپكە سۆرىگىچە،  كۈچۈمىزنى  بىرىكتۈرۈپ،  قازاق، ئۇيغۇر خەلىقلىرى بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن  قول چىقىرىپ، ئېلىمىز مۇستەقىللىگىنى چىڭىتقىنىمىز توغرا بولىدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن  ئاتىلىپ ئۆتۈۋاتقان ئابыلايخاننىڭ 300 ژىللىق يۇبىلېيى پەقەت قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭلا تويى ئەمەس، ھەممىمىزگە ئورتاق توي. تويىمىز تويغا ئۇلاشسۇن.

قاسىم مەسىمىي،
شەرىقشۇناس تارىخچى.
London Uyghur Ensemble  http://www.uyghurensemble.co.uk