لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى تاقالمايدۇ

classic Classic list List threaded Threaded
1 message Options
Reply | Threaded
Open this post in threaded view
|

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى تاقالمايدۇ

Aziz Isa
Administrator
خوش خەۋەر!

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى تاقالمايدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!

مەن بۇ يىل 31- ماي كۈنى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن Face Book ئارقىلىق بىر ئۇقتۇرۇش يېزىپ ئانسامبىل تورنىڭ بۇ يىل 22- ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىللاردىن بۇيان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ، ئۇنىڭ تور سەھىپىسىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كەلگەن خەلقىمىزگە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك قېرىنداشلىرىمىز ماڭا ئايرىم ۋە ئاشكارە خەت يېزىپ، بىۋاستە سۆزلىشىپ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تورنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە كوپ تەۋىسىيەلەرنى قىلىپ بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ كۆپ تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى. مەن ئالدى بىلەن شۇ كۆيۈمچان، پىداكار قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بولۇپمۇ ياشنىپ قالغانلىقىغا قارىماي تۆنۈگۈن ئامېرىكىدىن مۆھتەرەم  Gulamettin Pahta غۇلامىدىن پاختا ئاكىمىزنىڭ Face Book ئارقىلىق ماڭا يازغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تور سەھىپىسىنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئۆتۈنۈش ئىچىدە يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدىن كېيىن بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ گەرچە خىزمىتىم ئالدىراش بولسىمۇ ئەمما قولۇم ئىشقا بارمىدى. بۇمۇ ئاز بولغاندەك بۈگۈن ئەتىگەندە ئىستانبۇلدىن ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق Abdulaziz Bestograk  ئىنىمىزمۇ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تورنى ساقلاپ قېلىشقا ھەركەت قىلىپ قېرىنداشلىرىمىزغا بىر پارچە مۇراجىئەت يېزىپتۇ….. مەن بۇ مۇراجىئەت ۋە ئىلتىماسلارنى كۆرۈپ “لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتى” نىڭ تەقدىرى ئۇستىدە قايتىدىن قارار قىلىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قوللاش، مەدەت، كۈيۈمچانلىقلىرىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تەسىرلەندىم ۋە «مەن بۇ ھاياتىمدا غۇلاچقا چىداپ كەلدىم، ئەمدى غېرىچقا نېمە دەپ چىدىمىغىدەكمەن؟» دېگەنلەرنى ئ‍ويلۇدۇم.

ئەلۋەتتە، ۋەتەندىكى ياردەمچىسىز قالغان مىللىتىمىز بۈگۈنكى كۈندە مىللەت بولۇپ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بېشىدىن ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ۋەتەندە خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولغان ئىلغار ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىن بوزقىر، باغداش، مىسىرانىم، ئىزدىنىش …. قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەرخىل ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادا ئومۇملاشقان ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق پىكىر قىلىشتەك نورمال پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقى دەپسەندە قىلماقتا. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا خەلقىمىز لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تور بېكىتىنىڭمۇ تۇيۇقسىز تاقىلىپ كېتىشىنى كۆرۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئەمدىكى گەپ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ تور بېكىتىنى تاقاش ئىشى بولسا تېخنىكىلىق ۋە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىكتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتكەن يىلى پىلانلانغان بولسىمۇ ئەمما تور سەھىپىسىنىڭ 10 يىل بولۇشىنى كۈتۈپ بىر يىل كەينىگە سۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى. دېمەكچى بولغىنىمىز لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە ئۇنىڭ تورى سەھىپىسى بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە ئوچۇق - ئاشكارە، دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن پايدا مەنپىئەت كۆزلىمىگەن ھالدا مۇستەقىل، خالىس پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىنى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ۋە مەۋقەسىدە تۇرۇپ دۇنياغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان كەسپىي، ئاممىۋىي خاراكتېرگە ئىگە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋالقى ئانسامبىل تور سەھىپىسىنىڭ تاقىلىشىنى ئۇقتۇرۇشىمىز ھەرگىزمۇ قانداقتۇر بىرەر تەشكىلات، شەخسىلەرنىڭ ۋەياكى ۋەتەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن بىلەن باغلىنىشلىق بولماستىن بەلكى تېخنىكىلىق ۋە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسلىق سەۋەبلەر بولغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىمىزگە پايدىلىق نەرسىلەر بەرپا قىلىش ئەلۋەتتە يوق قىلىشتىن مىڭ مەرتە مۇشكۈل بىر ئىشىدۇر. مەن بۈگۈن ئانسامبىل تورنى قايتىدىن زىيارەت قىلىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قويۇلغان مەنبەلەرنىڭ موللىقىدىن، سىڭدۈرلگەن مېھنەتلەرنىڭ جۇلالىقىدىن قەلبىم سۆيۈنگەن بولسا، خەلقىمىزنى دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ گۈزەل مەدەنىيەت-سەنئىتى بىلەن تونۇتۇشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم چۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بەرمەكتە. شۇنىسى ئېنىقكى ئەگەردە ئانسامبىل تورى ئەسلى پىلان بويىچە بۇ يىل 22- ئىيۇل تاقالسا شۇ مىنۇت ۋە كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭدىكى بارلىق مەزمۇنلار پۈتۈنلەي يوقايدۇ. قىسقىسى ئەگەر سىز Google ۋەياكى باشقا ئىزدەش توردىن ئانسامبىل تورى تاقلىشتىن بۇرۇن “Uyghur”، “Uyghur music” دەپ كىرگۈزۇپ ئىزدىسىڭىز “لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى” (London Uyghur Ensemble) توردىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان مەنبەلەرنى تېپىپ بېرىدۇ، ئەمما ئانسامبىل تورى توختىغاندىن كېيىن بولسا بۇ مەنبەلەرمۇ بىراقلا دۇنيا ئىنتېرنېت توردىن يوقايدۇ.

بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە تور دۇنياسىدا جانلىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم بولغان زورۇرىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەن بۈگۈن ئەتىگەندىن بىرى بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم قايتا ئويلاندىم ۋە ئاخىر نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئانسامبىل تورنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى ئانسامبىلدىكى دوستلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلدىم. مەن بۇ قارارىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن بۇ يىل 7- ئاينىڭ 22- كۇنىدىن بۇرۇن ئىمكان بار بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن، مەن يەنە قانچە ئالدىراش بولساممۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ ۋاقتىمنى ئاجرىتىپ ئانسامبىلنىڭ تور سەھىپىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

قىسقىسى مەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى نامىدىن 31- ماي كۈنى چىقارغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تورنىڭ تاقىلىشى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ كۆڭلى مەيۈسلەنگەن قېرىنداشلىرىمىزدىن بىزنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ۋە مۇندىن كېيىن بىزنىڭ ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرىمىزنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىگە دەۋەت قىلىمەن. سىلەرنىڭ ياردەمىڭلار ۋە قوللىشىڭلار بىز ئۇچۇن زور ئىلھام بولغۇسى.

بىز يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ئەگەر بۇ تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىلىك بولسا، مۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ جانلىق ھالدا داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئاخىرىدا لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى نامىدىن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ۋە ئۇنىڭ تور سەھىپىللىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت ۋە ئېھتىراملار بىلەن،

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
Aziz Isa Elkun

http://www.uyghurensemble.co.uk
http://www.uyghurensemble.co.uk/uy

———————————————————

Xosh xewer!

London uyghur ansambili tor békiti taqalmaydu

Essalamu eleykum eziz qérindashlar!

Men bu yil 31- may küni tolimu epsuslinarliq ichide london uyghur ansambili tor békitining xelqimiz üchün xizmet qilip kéliwatqinigha 10 yil bolghanliqi munasiwiti bilen Face Book arqiliq bir uqturush yézip ansambil torning bu yil 22- iyul künidin bashlap taqilidighanliqini élan qilghan idim. Shuningdin kéyin dunyaning her qaysi jayliridin yillardin buyan london uyghur ansambilining xizmetlirini yéqindin qollap, uning tor sehipisini yaqturup körüp kelgen xelqimizge mesuliyet tuyghusi küchlük qérindashlirimiz manga ayrim we ashkare xet yézip,  biwaste sözliship london uyghur ansambili torni saqlap qélish heqqide kop tewisiyelerni qilip bu ishta özlirining köp tirishchanliqlirini körsitip keldi. Men aldi bilen shu köyümchan, pidakar qérindashlirimizgha rehmet éytimen, bularning ichidin bolupmu yashnip qalghanliqigha qarimay tönügün amérikidin möhterem  Ghulamidin Pahta ghulamidin paxta akimizning Face Book arqiliq manga yazghan london uyghur ansambilining tor sehipisini saqlap qélish heqqide ötünüsh ichide yazghan xétini tapshurup alghinimdin kéyin bügün etigendin bashlap gerche xizmitim aldirash bolsimu emma qolum ishqa barmidi. Bumu az bolghandek bügün etigende istanbuldin abduleziz beshtoghraq Abdulaziz Beshtorraq inimizmu london uyghur ansambilining torni saqlap qélishqa herket qilip qérindashlirimizgha bir parche muraji'et yéziptu…..   Men bu muraji'et we iltimaslarni körüp “london uyghur ansambili tor békiti” ning teqdiri ustide qaytidin qarar qilishimning zörürlükini hés qildim. Qérindashlirimizning bu qollash, medet, küyümchanliqlirini körüp ixtiyarsiz tesirlendim we «men bu hayatimda ghulachqa chidap keldim, emdi ghérichqa néme dep chidimighidekmen?» Dégenlerni ‍oyludum.

Elwette, wetendiki yardemchisiz qalghan millitimiz bügünki künde millet bolup apiride bolghandin buyan béshidin eng éghir künlerning birini ötküziwatidu. Wetende xelqimizning awazi bolghan ilghar uyghur tor béketliridin bozqir, baghdash, misiranim, izdinish …. Qatarliq nurghunlighan serxil uyghur tor béketliri yéqinqi aylardin buyan xitay hökümiti teripidin taqilip uyghur xelqining dunyada omumlashqan intérnét tori arqiliq pikir qilishtek normal pikir erkinliki hoquqi depsende qilmaqta. Mana mushundaq bir shara'itta xelqimiz london uyghur ansambili tor békitiningmu tuyuqsiz taqilip kétishini körushni esla xalimaydu.  Emdiki gep london uyghur ansambilining tor békitini taqash ishi bolsa téxnikiliq we adem küchi yétishmesliktek sewebler tüpeylidin ötken yili pilanlanghan bolsimu emma tor sehipisining 10 yil bolushini kütüp bir yil keynige surulup ketken idi. Démekchi bolghinimiz london uyghur ansambili we uning tori sehipisi büyük bértaniyening paytexti london shehiride ochuq - ashkare, démokratik usul bilen payda menpi'et közlimigen halda musteqil, xalis pa'aliyet élip baridighan, uyghur medeniyet we senitini uyghurning menpe'eti we mewqeside turup dunyagha tonutushni meqset qilghan kespiy, ammiwiy xaraktérge ige uyghur jemiyitining bir ammiwiy teshkilati bolush süpiti bilen awalqi  ansambil tor sehipisining taqilishini uqturushimiz hergizmu qandaqtur birer teshkilat, shexsilerning weyaki wetenning nöwettiki weziyiti bilen bilen baghlinishliq bolmastin belki téxnikiliq we adem küchi yétishmeslik qatarliq mesililer asasliq sewebler bolghan idi.

Muhajirette biz uyghurlar üchün özimizge paydiliq nersiler berpa qilish elwette yoq qilishtin ming merte mushkül bir ishidur. Men bügün ansambil torni qaytidin ziyaret qilip chiqqandin kéyin uninggha qoyulghan menbelerning molliqidin, singdürlgen méhnetlerning julaliqidin  qelbim söyüngen bolsa, xelqimizni dunyagha uyghurning güzel medeniyet-seniti bilen tonutushning bügünki künde qanchilik zörür ikenlikini yene bir qétim hés qildim chünki uyghur jemiyitining bügünki haliti bu nuqtini téximu roshen körsitip bermekte. Shunisi éniqki egerde ansambil tori esli pilan boyiche bu yil 22- iyul taqalsa shu minut we kündin bashlap uningdiki barliq mezmunlar pütünley yoqaydu. Qisqisi eger siz  Google weyaki bashqa izdesh tordin ansambil tori taqlishtin burun “Uyghur”, “Uyghur music”  dep kirgüzup izdisingiz “london uyghur ansambili”  (London Uyghur Ensemble) tordin uyghurlargha munasiwetlik nurghunlighan menbelerni tépip béridu, emma ansambil tori toxtighandin kéyin bolsa bu menbelermu biraqla dunya intérnét tordin yoqaydu.

Bügünki uchur dewride uyghurlarning bir millet süpitide tor dunyasida janliq mewjutluqini saqlap turushi nahayiti muhim bolghan zoruriyetlerning biridur. Men bügün etigendin biri bu heqte yene bir qétim qayta oylandim we axir néme bolushidin qetiy nezer, ansambil torni dawamliq saqlap qélishni ansambildiki dostlar bilen meslihetliship qarar qildim. Men bu qararimni ishqa ashurush uchun bu yil 7- ayning 22- kunidin burun imkan bar bir qisim téxnikiliq mesililerni hel qilishqa tirishimen, men yene qanche aldirash bolsammu her ayda bir qétim bolsimu waqtimni ajritip ansambilning tor sehipisini   yéngilap turushqa kapaletlik qilidighanliqimni bildürimen.

Qisqisi men london uyghur ansambili namidin 31- may küni chiqarghan london uyghur ansambili torning taqilishi heqqidiki uqturushni oqup köngli meyüslengen qérindashlirimizdin bizni toghra chüshinishini ümit qilimen we mundin kéyin bizning élip baridighan xizmetlirimizni yéqindin qollap bérishige dewet qilimen. Silerning yardeminglar we qollishinglar biz uchun zor ilham bolghusi.

Biz yéqinqi aylardin buyan london uyghur ansambilining pa'aliyetlirini janlandurush üchün herket qilip kéliwatimiz, eger bu tirishchanliqimiz netijilik bolsa, mundin kéyinki pa'aliyetlirimizning téximu janliq halda dawam qilidighanliqigha ishinimen.

Axirida london uyghur ansambili namidin london uyghur ansambili we uning tor sehipillirige yéqindin köngül bolup kéliwatqan barliq qérindashlargha minnetdarliqimni bildürimiz.

Hörmet we éhtiramlar bilen,

Aziz Isa Elkün

http://www.uyghurensemble.co.uk
http://www.uyghurensemble.co.uk/uy
London Uyghur Ensemble  http://www.uyghurensemble.co.uk